17-مارت كۈنى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى «يېشىل ئىنقىلاب»نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سانائەت، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلاردا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن 1 مىليارد فوندستېرلىڭ (1 مىليارد 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 2050-يىلغا بارغاندا نۆل قويۇپ بېرىش نىسبىتىگە يېتىشنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يېڭى تاج ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈندۇر.
«بۇ پىلان ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدا بولغان كاربون قويۇپ بېرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ 2050-يىلغا بارغاندا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى ئەنگىلىيە سودا ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى كۋاسى كۋارتېڭ (Kwasi Kwarteng) ئېلانىدا.
بۇ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر كېيىنكى 30 يىلدا 80 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە كېيىنكى 15 يىلدا سانائەت كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا قىسقارتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم سېلىنغان 1 مىليارد فوندستېرلىڭنىڭ تەخمىنەن 932 مىليون فوندستېرلىڭى ئەنگىلىيەدە مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە پارلامېنت بىناسى قاتارلىق ئاممىۋى بىنالارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان 429 تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى