6-ماي كۈنى، كانچىلىق شىركىتى Anglo American نىڭ پايچىكدارلىرى شىركەتنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئىسسىقلىق كۆمۈر سودىسىنى بىكار قىلىپ، يېڭى شىركەت قۇرۇش تەكلىپىنى تەستىقلىدى، بۇ يېڭى شىركەتنىڭ كېلەر ئايدا بازارغا سېلىنىشىغا يول ئاچتى.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىسسىقلىق كۆمۈر مۈلۈكلىرى بۆلۈنگەندىن كېيىن Thungela Resources شىركىتىگە ئايلىنىدىغانلىقى، ھەمدە Anglo American نىڭ ھازىرقى پايچىكدارلىرى يېڭى شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئەگەر يۆتكەش جەريانى ئوڭۇشلۇق بولسا، يېڭى قۇرۇلغان شىركەتنىڭ 7-ئىيۇن كۈنى يوھاننىسبۇرگ پاي چېكى بازىرى ۋە لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇھىت ئاسراش تەلىپىنىڭ بارغانسېرى قاتتىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، Anglo American شىركىتى قېزىلما يېقىلغۇ سودىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىكار قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە كولۇمبىيەدىكى ئىسسىقلىق كۆمۈر سودىسىدىن چېكىنىشنى پىلانلىماقتا. (ئىنتېرنېت)
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى